- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئۆرۈك چېچىكى ماكانى
2016.03.25 13:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان بىر كەنتنىڭ ئەتىيازدىكى 3 -4-ئاي مەزگىلى ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ چاغدا تاغ - دالىلاردىكى ئۆرۈكلەر بەس – بەستە چېچەكلەپ، پۈتۈن جىلغىنى قاپلايدۇ، ئۆرۈك چېچىكىنىڭ ئىللىق ھىدى ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ. مەيلى توختىماي ئېقىۋاتقان تاشقورغان دەرياسى ۋە ياكى جىمجىت جىلغا بولسۇن، ھەممە يەر ئۆرۈك چېچىكىنىڭ ھىدىگە تولىدۇ. بۇ جاي دەل ئېگىزلىكتىكى ئۆرۈك چېچىكى ماكانى دەپ ئاتالغان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۆك شىرىق يېزىسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر