باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كېچىكىپ توي قىلغانلار دەم ئېلىشى يەنىلا 23 كۈن بولىدۇ

2016.03.25 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى يېڭى يىلدىن كېيىن كېچىكىپ توي قىلىش دەم ئېلىشى بارمۇ - يوق ؟ بۇ نۇرغۇن كېچىكىپ توي قىلىدىغانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. 24-مارت، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى ھۆججەت چۈشۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدا كېچىكىپ توي قىلىش دەم ئېلىشى داۋاملىق كونا سىياسەت بويىچە بولىدۇ.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزگەن «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئالاقىدار ماددىلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى غۇلغۇلا قوزغىدى. مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىپ بىلىشىچە، نۇرغۇن كېچىكىپ توي قىلىدىغانلار يېڭى يىلدىن بۇرۇن توي خېتى ئېلىپ، دەم ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، ئەڭ ئاخىرقى پاراۋانلىقتىن بەھرىمان بولماقچى بولغان.

  2012 ـ يىلى يولغا قويۇلغان «ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى»دا، «خەنزۇ پۇقرالاردىن ئوغۇللار 25 ياشقا، قىزلار 23 ياشقا، ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالاردىن ئوغۇللار 23 ياشقا، قىزلار 21 ياشقا توشقاندا تۇنجى توي قىلغانلىرى كېچىكىپ توي قىلغان ھېسابلىنىدۇ. كېچىكىپ توي قىلىپ تۇنجى پەرزەنت كۆرگەنلەر كېچىكىپ پەرزەنت كۆرگەنلەر بولىدۇ»، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەزكۇر نىزامدا كېچىكىپ توي قىلىش دەم ئېلىشى توغرىسىدىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە بار بولۇپ، «دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن كېچىكىپ توي قىلغانلار دۆلەت بەلگىلىگەن توي رۇخسىتىدىن سىرت، توي دەم ئېلىش كۈنىگە يەنە 20 كۈن قوشۇپ بېرىلىدۇ»، دېيىلگەن.

  «23=3+20»، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كېچىكىپ توي قىلىش دەم ئېلىشى ماھىيەتتە 23 كۈنگە يېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر