باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 9 نۇقتىلىق مائارىپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويىدۇ

2016.03.25 13:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 9 تۈرلۈك نۇقتىلىق مائارىپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 6 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چەت يىراق، جاپالىق يېزا مەكتەپلىرىدە 1900 يۈرۈش ئوقۇتقۇچىلار ياتىقى سېلىشنى قوللايدۇ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار 470 مىڭدىن ئارتۇق تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا كەسپى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىدۇ، باشقا مائارىپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرلىرى يەنە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاساسى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانى، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى، ھەقسىز پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى مائارىپ پىلانى، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت تەييارلىق سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى ياردەم سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەسلى مائارىپى تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش، ئوتتۇرا كەسپى مائارىپقا مەبلەغ ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر