باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەلگۈسى بەش يىلدا، ئېلىمىز 1 مىليون 500 مىڭ دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ئوقۇش تارىخى بويىچە ئۈزلۈكسىز مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ

2016.03.25 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 24-مارت مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئوقۇش تارىخى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئېھتىياجلىق، ئوقۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 1 مىليون 500 مىڭ دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ئوقۇش تارىخى بويىچە ئۈزلۈكسىز مائارىپنى قوبۇل قىىلىشغا مەبلەغ جەاھەتتىن ياردەم بېرىلىپ، ئۇلار مۇناسىپ تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىنىپ، ھەقسىز دەرسلىك ئېچىش ئارقىلىق ساپاسى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدىكەن. ئىگىلىنىشچە، مائارىپ مىىنستىرلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندا «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت پىلانى--‹ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەرىكىتى› نى يولغا قويۇش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى، ئېلىمىز شەھەر، بازارلىرىدا 404 مىليون كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ئومۇمىي سانى 177 مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %1.3 ئاشقان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى كەسپىي تەربىيەلەش ۋە چوڭلار مائارىپى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گې داۋكەي ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2014-يىلىغىچە، تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە دېھقان ئىشلەمچى %23.8 نى، ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە دېھقان ئىشلەمچى %7.3 نى، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەنگەن دېھقان ئىشلەمچى %34.8 نى ئىگىلىگەن، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دېھقان ئىشمەلچىلەرنىڭ ئوقۇش تارىخى قاتلىمى ۋە تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىش نىسبىتى يىلدىن يىلغا ئاشقان، بىراق ئومۇمىي نىسبىتى يەنىلا نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەرلەرگە كىرىش ئېھتىياجىدىن زور پەرقلىنىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر