باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چېختا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم ئامېرىكىغا بېرىپ 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرىدۇ

2016.03.25 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-مارت جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى باۋدۇڭ، مىنىستىر ياردەمچىسى ليۇ خەيشىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چېختا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى ھەم ئامېرىكا ۋاشىنگتونغا بېرىپ 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بىرىنچى، 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش توغرىسىدا

  لى باۋدۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 31-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە ئامېرىكا ۋانشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ قارشى ئېلىش كېچىلىكى، ئومۇمىي يىغىن، خىزمەت چۈشلۈك زىياپىتى، «تەقلىدىي مەنزىرىلىك ئۆزئارا مۇزاكىرە» ۋە يېپىلىش مۇراسىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رەسمىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىندا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، جۇڭگونىڭ سىياسەت، تەشەببۇسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ يادرو بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى يېڭى تەدبىرلىرى ۋە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ ھەم دۇنيا يادرو بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە دائىر ماھىيەتلىك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشىدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىزچىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىملىق ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  ئىككىنچى، چېختا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش توغرىسىدا

  ليۇ خەيشىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 28-مارتتىن 30-مارتقىچە چېختا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ زېمەن زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، قارشى ئېلىش مۇراسىمى، بىرەسمىي كېچىلىك زىياپەت، قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىدۇ، چېخ زۇڭلىسى، كېڭەش پالاتاسى رەئىسى، ئاۋام پالاتاسى رەئىسى، براگ شەھەر باشلىقى بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەم ئىقتىساد-سودا، ئىنسانلار مەدەنىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى، ئوتتۇرا ياۋروپا مۇناسىۋىتى، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئۈستىدە سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭگو-چېخ مۇناسىۋىتىگە يېڭى مەزمۇن قوشىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا، ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، سەھىيە، ئاۋىئاتسىيە، پەن-تېخنىكا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كۆپ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر