باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

2016.03.25 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 24-مارت چۈشتىن بۇرۇن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ھاياتىي كۈچكە تولغان ئاسىيانىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى ئورتاق يارىتىش» تېمىسىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. ئاسىيا، ياۋروپا، ئوكيانىيە قاتارلىق 62 دۆلەتتىن كەلگەن 2100 دىن ئارتۇق سىياسىي ساھە، سودا-سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئامىبىرى ئۆلىمالىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي گەۋدىنى قايتا جانلاندۇرۇش، يېڭى گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدە پارچىلىنىشقا يۈزلەندى، ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ خېلى زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قەدەم قويۇش، ئاسىيانىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لى كېچياڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتىكى نەچچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچىدىن، مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى ئورتاق قوغداش. قوشنىلار بىلەن ئىناق، دوستانە ئۆتۈش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ئوخشاش پىكىردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئاساسىنى پۇختىلاش. ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش. ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ دوستانە ئاشۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت تەڭشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان تاشقى ئۈنۈمدىن ساقلىنىش. ئۈچىنچىدىن، بىرلىشىپ تەرەققىي قىىلشنى ئورتاق چوڭقۇرلاشتۇرۇش. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قوللاش. تۆتىنچىدىن، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش. تۈرلۈك ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىش مۇنبىرىدنى ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش يولىنى ئېچىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيانىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش. بەشىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئورتاق ئۇرغۇتۇش. ئادەم كۈچى بايلىقىدىن ئىبارەت ئاسىيانىڭ بۇ ئەڭ گەۋدىلىك ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەك كۈچى قوشۇنى ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، رايون، دۆلەتلەرنى يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشقا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر