باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاشلىق بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىشتا ئۈچ چوڭ يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2016.01.15 13:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمنى ۋە ھازىرقى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىگە قارىتا، بۇ يىل ئېلىمىز تۈرگە ئايرىپ سىياسەت يۈرگۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  بىر قانچە مۇتەخەسسىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىسلاھاتتا ئۈچ چوڭ يۆنىلىش گەۋدىلەندى: بىرىنچى، شال، بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن يىغىۋېلىش باھاسى سىياسىتى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، شىنجاڭنىڭ پاختىسى، شەرقىي شىمالنىڭ سويا پۇرچىقىنىڭ نىشان باھاسى ئىسلاھاتى سىنىقى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ ئۈچىنچى، بازارنىڭ باھا بېكىتىش، باھانى تولۇقلاپ ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە كۆممىقوناقنى يىغىپ زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئاكتىپ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. يەنى 2016-يىلى جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئوبوروت بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش يۆنىلىشى بىلەن ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مېخانىزمنى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىرىدە» ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۆنىلىش ئاساسەن بىردەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر