باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى %1.4 ئۆرلىدى

2016.01.11 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى مەلۇماتىغا قارىغاندا: 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 ئۆرلەپ، پۈتۈن بىر يىلدا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى تەخمىنەن %3 ئەتراپىدا تىزگىنلەش نىشانى ئورۇندالغان. يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلىشى 12-ئايدا ئېلىمىزدە مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى يۈ چيۇمېي مۇنداق دېدى: مەملىكىتىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، يامغۇر، قار يىغىش تەسىرىدە كۆكتات باھاسى %13.7، يېڭى مېۋە چېۋە باھاسى %2.3 ئۆسۈپ، ئۆتكەن ئايدىكىدىن ئايرىم ئايرىم 10.9 پوئىنىت ۋە 0.7 پوئىنىت يۇقىرىلىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە ئاھالىلەر ئىستېمالىنىڭ سېلىشتۇرما باھاسى0.48 ئۆرلەپ، ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئومۇمىي ئۆسۈش نىسبىتىگە يېقىنلاشتى.

  گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ياۋ جىڭيۈەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن يىلى ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا قايتىپ كەلدى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بىرىنچىدىن، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئېلىمىز باھا ئومۇمىي سەۋىيىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىشتىكى مۇھىم نىشان قىلدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىز باھانى مۇقىملاشتۇرۇشتا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش چارىسىنى قوللىنىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەرىكىتى داۋامىدا مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي پرىنسىپىدا چىڭ تۇردۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر