باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېچىكىپ پېنسىيە چىقىش سىياسىتى مەركەزنىڭ ماقۇللاپ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدۇ، ئەمەلىيلىشىشىدە يەنىلا مۇزاكىرىلىشىش بوشلۇقى بار

2016.01.04 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقىنىڭ يېقىندا دېگەن سۆزى بويىچە، پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش چارىسى 2016-يىلى مەركەزنىڭ ماقۇللاپ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدۇ ۋە جەمئىيەتتىن پىكىر ئالىدۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغىلى نەچچە يىل بولغان، جامائەت پىكرى قايتا-قايتا مۇزاكىرىلەشكەن سىياسەت ئاخىرى يولغا قويۇلىدىغان بولدى.

  كېچىكىپ پېنسىيەگە چىقىش مەسىلىسىگە قارىتا، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارىشى ئىزچىل يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى، جۇڭگونىڭ قېرىلىشىش جەمئىيىتىگە قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئەمگەك كۈچلىرى يېتىشمەسلىك، نوپۇس پايدىسى تەدرىجىي ئازلاش، قېرىلار-ياشلارنى بېقىش نىسبىتى تەڭپۇڭ بولۇش مەسىلىلىرى كۈنسېرى گەۋدىلەندى، ئومۇميۈزلۈك كېچىكىپ پېنسىيىگە چىقىش، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى.

  لېكىن، كونكرېت ئىجرا قىلىش جەريانىدا ھەممىنى «بىر تاياقتىلا ھەيدەش» كېرەكمۇ ياكى ئېلاستىكلىق پېنسىيىگە چىقىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا يەنىلا مۇنازىرىلىشىش بوشلۇقى بار.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يى ۋېيمىن مۇنداق دېدى: كېچىكىپ پېنسىيىگە چىقىش لايىھەسىدە، پېنسىيىگە چىقىش يېشىنى يىلدا نەچچە ئاي كېچىكتۈرۈپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكۈزۈش كېرەك، دېيىلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شاۋيى مۇنداق دېدى: ھازىر بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشى ئەڭ كىچىك كىشىلەر توپىدىن باشلاپ يولغا قويۇشنى ئويلىشىپ، كىچىك قەدەم بىلەن تەدرىجىي يولغا قويۇش چارىسى قوللىنىلىدۇ، يەنى بىر يىلدا پەقەت بىر نەچچە ئايلا كېچىكتۈرۈپ، ئاستا-ئاستا يولغا قويۇپ، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن ئۇزاق ۋاقىت تەدرىجىي ئاستا ئۆتىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر