باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 29-قېتىملىق كوللىكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

2015.12.31 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى تۈنۈگۈن چۈشتن كېيىن جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ تارىخى شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە 29-قېتىملىق كوللىكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چېن لەي بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەمدە پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىل ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى مەڭگۈلۈك باش تېما قىلىش كېرەك، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى خەلق تەربىيەسى ۋە مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ بارلىق جەريانلىرىغىچە سىڭدۈرۈش، سوتسيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ياش ئۆسمۈرلەرگە چوڭقۇر، ئۇزاق مۇددەت، جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بېرىپ، ۋەتەنپەۋرەلىك روھىنى ياش ئۆسمۇرلەر قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ياش ئۆسمۈرلەردە ۋەتەننى سۆيۈش روھى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتى يېتىلدۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋلاددىن ئەۋلادقا نۇرلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، چوقۇم ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن سوتسىيالىزمنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك، ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەنى سۆيۈش بىلەن سوتسيالىزمنى سۆيۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەندە ئاندىن ۋەتەنپەرۋەرلىك جانلىق، ھەقىقى بولىدۇ، بۇ ھازىرقى زامان جۇڭگو ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىسى، بۈگۈن بىز ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەكىتلىگىنىمىزدە بۇ ھەقىقەتنى دائىم تەكىتلىشىمىز، قايتا قايتا تەكىتلىشىمىز كېرەك، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا چوقۇم ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك، يېڭى دەۋر شارائىتىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا چوقۇم ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتا قىلىش كېرەك، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش لازىم، ۋەتەننىڭ ئۇزاق تارىخى، قويۇق مەدەنىيىتىنى چۈشۈنۈش ۋە قوبۇل قىلىش خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسىياتى يېتىلدۈرۈشى ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشىدىكى مۇھىم شەرت، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا ھەم مەۋقەنى مىللەتكە قارىتىش ھەم دۇنياغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم، جۇڭگونىڭ تەقدىرى بىلەن دۇنيانىڭ تەقدىرى بىر بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان، بىز ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ھەرقايسى ئەل خەلقى تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىن ئەقىل ئىدراك تېپىش، ئوزۇق ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، بىز ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، ئوخشىمىغان كۆزقاراشلارنى ساقلاپ قېلىش، تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئەينەك قىلىشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، مەدەنىيەتتىكىلەرنىڭ ئۆزئارا ئەينەك قىلىش، ئورتاق تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلار مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر