باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا مۇھىت ساھەسىدە كۈنگە قاراپ جەرىمانە قويۇلغان پۇل 230 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2015.08.06 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى مۇھىت قانۇنى ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نەتىجە قەغىزىنى ئۇقتۇردى، مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە 620 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، 15 مىڭ 839 ى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغان، 9325 ى تاقالغان، مەملىكەت بويىچە كۈنگە قاراپ قويۇلغان جەرىمانە 230 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  بۇ يىل-يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنى يولغا قويۇلغان تۇنجى يىل. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى چېن جىنىڭ بىر ياخشى قانۇن قەغەز يولۋاسقا ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئۇنى ئۆتكۈر قورالغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۈنگە قاراپ داۋاملىق جەرىمانە قويۇش، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا چەكلىمە قويۇش ياكى توختىتىش، مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېڭى تۇراقلىق ھالەتتىكى مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر