باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «ئائىلە مال-مۈلكى ۋە ئائىلە ئىشلىرى» قاتتىق تەكشۈرۈلدى

2015.07.31 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  39 كادىر كۆز بويامچىلىق بىلەن مەلۇم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بىر تەرەپ قىلىندى

  خەلق تورى، نەنجىڭ، 30-ئىيۇل تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىلقى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن دوكلات بېرىش خىزمىتى ئىختىيارىي تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاش باسقۇچىغا كىرگەن. بۇ يىلقى ئىختىيارىي تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاش سالمىقى ٪10 ئاشۇرۇلغان، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈن ئۆلكىدىكى 5100دىن ئارتۇق باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلارنىڭ «ئائىلە مال-مۈلكى ۋە ئائىلە ئىشلىرى» تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «ئائىلە مال-مۈلكى ۋە ئائىلە ئىشلىرى»نى تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاشتا، بولۇپمۇ جياڭسۇنىڭ كادىرلارنى تاللاش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش خىزمىتىدىكى نورمال تەرتىپكە ئايلانغان ئۆستۈرۈلۈپ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدىغان كادىرلارنى «چوقۇم تەكشۈرۈش» تەرتىپى كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى بىر يېڭى مۇداپىئە لىنىيەسىگە ئايلاندى. مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ھەر يىلى تەشكىلگە نىكاھ، چەت ئەلگە چىقىش، كىرىم، ئۆي-مۈلۈك، مەبلەغ سېلىش، خوتۇنى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ خىزمىتى قاتارلىق 14 جەھەتتىكى خۇسۇسىي ئىشىدىن دوكلات بېرىپ، تەشكىلنىڭ نازارەت قىلىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2014-يىل 11-ئايدا، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى «ئۆستۈرۈلمەكچى بولغان كادىرلارنى چوقۇم تەكشۈرۈش» تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلتۇر 11-ئايدىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ئۆستۈرۈلمەكچى بولغان كادىرلار ئىچىدىكى 39 كادىر كۆز بويامچىلىق بىلەن مەلۇم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خىزمەتتىن ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغان ياكى سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كىشى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بارلىق رەھبىرىي كادىر ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مەلۇم قىلغان. ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ج خ، سودا-سانائەت، ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق فونكسىيەلىك تارماقلاردىكى ئېنىقلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، خىزمەتچىلەر رەھبىرىي كادىرلار مەلۇم قىلغان ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۈرلەر بويىچە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، كۆز بويامچىلىق بىلەن مەلۇم قىلىش مەسىلىسى بارلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر