باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى گو بوشيۇڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى

2015.07.31 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30-ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيورۇسىنىڭ 30-ئىيۇلدىكى يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «گو بوشيۇڭنى تەشكىل جەھەتتىن تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات»ى قاراپ چىقىلىپ ۋە ماقۇللىنىپ، گو بوشيۇڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش، ئۇنىڭ ئېغىر پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن ھەربىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 2015-يىلى 9-ئاپرېل پارتىيە ئىنتىزامى نىزامىغا ئاساسەن،گو بوشيۇڭنى تەشكىل جەھەتتىن تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە، گو بوشيۇڭ خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنسىپىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولايلىق يارىتىپ، بىۋاسىتە ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىلىق پارا ئالغان، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، پارا ئېلىشقا چېتىشلىق جىنايى قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر