خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 30- ئىيۇل تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو- تۈركىيە ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئاسىيا- ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان جۇڭگو بىلەن تۈركىيە قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ باشلىنىشى نۇقتىسى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. بۈگۈن جۇڭگو خەلقى «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىدۇ، تۈركىيەمۇ دۆلەت قۇرۇش 100 يىل پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تىرىشىشتىن سىرت، يەەن خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك. ئەردوغان زۇڭتۇڭ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا جۇڭگو- تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى ۋە خەلقلىرى ئۈچۈن بەخت يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:جۇڭگو-تۈركىيە «بىر يېتەكچى مېخانىزىم، ئىككى ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىسى، ئۈچ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھە»ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى