ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ 29-ئىيۇل كەچتە ئىسپاتلىشىچە، تالىبان قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبىرى موللا مۇھەممەد ئۆمەر ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى پاكىستاندىكى بىر دوختۇرخانىدا ئۆلگەن.
ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دىدى: ئىشەنچلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆمەر ئىككى يىل تۆت ئاي ئىلگىرى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئۆلگەن، تالىبان تەرەپ بۇ خەۋەرنى ئىزچىل ئاشكارىلىمىغان. ئۇ ئۆمەرنىڭ كونكىرېت ئۆلۈش سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇ: مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى تاراتقۇلارغا ئېلان قىلىمىز دېدى.
تالىبان تەرەپ ھازىرغا قەدەر بۇ ئىش توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
موللا مۇھەممەد ئۆمەر ناھايىتى سىرلىق بىر كىشى، ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا تۈرلۈك قىياسلار بار، لېكىن ھېچكىم ئېنىق ۋاقتىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلىنغان سۈرەتلىرىمۇ يوق دېيەرلىك. ئۇ 1994-يىلى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى قەندىھار ئۆلكىسىدە تالىبان قوراللىق تەشكىلاتىنى تەشكىللىگەن. 1996-يىلى ئۆمەر تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنى باشلاپ پايتەخت كابۇلنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ئافغانىستان ئىسلام خەلىپىلىكىنى قۇرغان. ئۆمەر ئامېرىكىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بېن لادىننى قانات ئاستىغا ئالغانلىقتىن، ئامېرىكا 2001-يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن بۇيان، پەسكويغا چۈشۈپ، ئىزچىل ئاشكارا كۆرۈنۈپ باقمىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبان بىلەن يېقىندا 2-نۆۋەت تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىكەن.