باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت

2015.07.31 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزى كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

  لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى ليۇۋ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30- ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدا دېمۇكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىرى كومىتېتى، مەملىكەتتىكى سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكرى ۋە تەكلىپىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، ليۇۋ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى، ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار تەسەۋۋۇرلىرىنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېمۇكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ باۋۋېن، جۇڭگو دېمۇكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن چاڭجې، جۇڭگو دېمۇكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈەنچى، جۇڭگو ئىشچى -دېھقانلار دېمۇكراتىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، 3- سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەن چىدې، تەيۋەن دېمۇكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزى كومىېتىنىڭ رەئىسى لى ۋېنيى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ رۇڭ، پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لىن يىفۇ ئەپەندى قاتارلىق سۆز قىلدى. ئۇلار ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار تەسەۋۋۇرلىرىنى قۇۋۋەتلىدى ھەم ماكرولۇق تەڭشەش، «بىر بەلباغ بىر يول» ۋە «چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئىچى بىرلىككە كەلگەن بازارلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا پۇل مۇئامىلىسدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ ئىچكى ئېھتىياجنى زورايتىش، تىببىي دورا ۋە داۋالىنىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ساغلاملىق مۇلازىمەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىت ئاسراش كەسپى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەلئارا مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش، ئاساسىي قاتلام مالىيە مەبلىغى بىرىكمە كۈچىنى قوزغىتىش، ئالاقە تورى+نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر