فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 29-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندى ئوكياندىكى فرانسىيەگە قاراشلىق رېنىيان ئارىلى ساھىلىدە ئايروپىلان پارچىسى بايقىلىپ، فرانسىيە ساقچىلىرى بۇ قالدۇقلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
فرانسىيە ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى خاۋېر تايتېلمەننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قالدۇقنىڭ MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن قالغان بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ساقىت قىلغىلى بولمايدىكەن. بىراق قىسمەن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇنداق مۇمكىنچىلىك ئاساسىي جەھەتتىن يوق، بۇ قالدۇقلار نەچچە يىل ئىلگىرى مۇشۇ رايوندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋەقەگە ئۇچرىغان ئىككى ئايروپىلاندىن كەلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە: بۇ ئايروپىلان قالدۇقى تەخمىنەن 2.5 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئايروپىلاننىڭ قانىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. رېنىيان ئارىلىدىكى دېڭىز ساھىلىنى تازىلاشقا مەسئۇل جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بۇ قالدۇقنى بايقىغان، شۇ ۋاقىتتا قالدۇقنىڭ ئىچىدە لىققىدە قۇلۇلە قېپى بولۇپ، سۇدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرغاندەك تەسىر بەرگەن.
فرانسىيە تاراتقۇلىرى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل فرانسىيە ئاۋىئاتسىيە ترانسىپورت ساقچى تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئېنىق بىر نەرسە دېيىشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ، ئاۋۋال بۇ قالدۇقنىڭ قانداق تىپتىكى ئايروپىلان ئىكەنلىكىنى جەزمىلەشتۈرۈپ، ئاندىن قايسى ئاۋىئاتسىيە شېركىتى ئىكەنلىكىنى بېكىتىش لازىم.