باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«تەڭرىتاغ ئەزىمەتلىرى» شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئايلانما مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

2015.07.31 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاققان ۋە يەڭگىل قەدەم، چەبدەستلىك بىلەن ئېتىلغان مۇشت، ئىلگىرى پەقەت تېلېۋىزورلاردىلا كۆرەلەيدىغان سەرخىل دەقىقىلەرنى بۈگۈنكى كۈندە ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىدىلا كۆرەلەيدىغان بولدىڭىز. 28-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ «ئېلامان لوڭقىسى، تەڭرىتاغ ئەزىمەتلىرى جۇڭگو- تايلاند تىركىشىش مۇسابىقىسىنىڭ سانجى بېكىتى»دىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 15-ئاۋغۇستتىن باشلاپ «تەڭرىتاغ ئەزىمەتلىرى» شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ئوبلاستلىرىدا ئايلانما مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن.ئىگىلىنىشىچە، «تەڭرىتاغ ئەزىمەتلىرى» شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ بوكس تەنتەربىيە تۈرىنىڭ كېڭەيتىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولغان كەيپىيات يارىتىپ بېرىدىكەن.

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە، شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق كۆپ رايونلاردىن كەلگەن بوكس ماھىرلىرى تايلاندلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بوس ماھىرلىرى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن. ئۇلار بىرلىكتە كەڭ شىنجاڭ ئاممىسىغا جانلىق ماھارەت كۆرسىتىدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا. «تەڭرىتاغ بۈركۈتى» شىنجاڭدىكى داڭلىق كىتاب رەسىملەر تورى، شىنجاڭ جۇڭگوچە رەسىم ئاكادېمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، «تەڭرىتاغ ئەزىمەتلىرى»مۇسابىقىسىنىڭ نەق مەيدانىدا، ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭلىق داڭلىق رەسسامنىڭ ئون پارچە سۈرىتىنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتىدىكەن ۋە بۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمنى شىنجاڭنىڭ بوكىس ئىشلىرىغا لازىملىق ئەسلىھەلەرنى سېتىۋىلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر