باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

يىغىندا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىندى

2015.07.31 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30-ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 30-ئىيۇل يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلدى، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلدى، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چىگىش ۋە مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى مۇھىتتا، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپ بويىچە ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ ۋە خىرىسلارغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇپ، قىممەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى كۆزلىمە نىشانغا يەتتى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر سەل ئاشتى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، يېزا ئىگىلىكى ۋەزىيىتى ئۇدا ياخشى بولۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى سەل ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش بېسىمى يەنىلا سەل ئېغىر بولدى، بەزى كارخانىلار قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتەرلىك بولماسلىق ۋە كونا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاجىزلىشىشتەك قۇرۇلمىلىق زىددىيەت يەنىلا كۆرۈنەرلىك بولدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر