باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«60 يىللىقنى تەبرىكلەش،شىنجاڭغا كىرىش» ئۆمىكى ئونسۇ ناھىيەسىگە كېلىپ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزدىن كەچۈردى

2015.07.31 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، رايىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ: 26-ئىيۇل، جۇڭگو ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ «60 يىللىقنى تەبرىكلەش، شىنجاڭغا كىرىش» ئۆمىكى ئونسۇ ناھىيەسىگە كېلىپ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆردى. ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ شىنخۇي، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جېلىل خېلىل كۆزدىن كەچۈرۈشتە بىرگە بولدى.

  كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكى سىنگاپور، ئىران، مالايسىيە ،جەنۇبىي ئافرىقا، فىلىپپىن، تايلانت قاتارلىك ئالتە دۆلەتنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە جوڭگو شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەتئەلدىكى مەركىزى، «بۈگۈنكى جۇڭگو» ژورنال تەھرىراتى، «دېڭىز-ئوكيان گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىدىن بولۇپ جەمئىي 20 نەپەر مۇخبىردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ناھىيەلىك ياڭاق مەيدانى ئېكولوگىيىلىك بازىسى، ناھىيەلىك گومەنتاڭ مېۋىچىلىكىگە كېلىپ، شۇ يەردىكى ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەرنى تېتىپ كۆردى.

  ياڭاق مەيدانىدىكى مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەر ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. مۇئاۋىن ھاكىم گوۋېي ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى باغۋەنچىلىك تەرەققىياتىدا قولغان كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە تەجىربىلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ ئىكولوگىيەلىك باغ قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكا سېلىنمىسى، يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى، بىر يول بىر بەلباغ جەھەتتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، مۇخبىرلار باغۋەنلەر بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە كىرىم ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، باغۋەنلەرنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقان تۇرمۇش سەۋىيەسى، ھەر مىللەت ئوتتۇرسىدىكى ئىناق كەيپىياتنى كۆرگەن ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىختىيارسىز ھاياجانلاندى ھەمدە يۇرتىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىپ، خاتىرە قالدۇرۇشتى.

  بۇ قېتىملىق كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى ھەمدە چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى شىنجاڭنى قايتىدىن تونۇدى .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر