- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن «شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقاتتى
2015.08.03 16:34 مەنبە: خەلق تورى
يىل ئاخىرغىچە چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
«خەلق تورى» ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى يېقىندا «شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقىتىپ، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورىنى پۇختىلاپ، ئاممىنى تېخىمۇ نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
«پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىسىلەر توپىنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چوڭ كېسەل بىمالارلىرىنىڭ يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىش كېرەك. 2017-يىلىغا بارغاندا، بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، داۋالاش ياردىمى قاتارلىق تۈزۈملەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كاپالەت فۇنكسىيەسىنى ئورتاق جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلىلەرنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك داۋالاش چىقىمىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالاش كاپالىتىنىڭ ئادىللىقىنى كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر