باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورت ئىشچىلار پارتىيىسى تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىمىغا ھۇجۇم قىلىپ، يىگىرمىدىن كۆپرەك ئادەم يارىلاندى

2015.08.03 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورت ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق كۈچلىرى شۇيەر ۋاقتى 2- ئاۋغۇست تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى ئال ئۆلكىسىدە تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىمىغا قارىتىلغان بىر قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمى قوزغىغان بولۇپ، ئىككى ئەسكەر قۇربان بولغان، ئوندىن كۆپ ئادەم يارىلانغان.

  نيۇ – يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئال ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 2- ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىگەن: پارتىلاش شۇيەر ۋاقتى 1- ئاۋغۇست كېچىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە يۈزبەرگەن بولۇپ، ھوجۇم قىلغۇچى بىر پارتىلاتقۇچ قاچىلانغان يۈك ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئىران چىگرىسىدىكى بىر قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى ئەسكەر قازا قىلغان، 24ئادەم يارىلانغان.

  ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كورتلار ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى مەسئۇد بارزانى 1- ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە كورت ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق كۈچلىرىنى ئاپتونۇم رايوندىن چېكىنىپ چىقىشقا، يەرلىك خەلقنى ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراتماسلىققا چاقىرغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر