باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەرقايسى تەرەپلەر 2015-يىلدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىدا بىرلىككە كەلدى

2015.08.04 17:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 2015-يىلدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسى ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەت يىغىنى 2-ئاۋغۇست نيۇيوركتىكى ب د ت باش شتابىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، ھەرقايسى تەرەپلەر 2015-يىلدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ ئاخىرقى ھۆججىتىدە بىرلىككە كەلدى. بۇ ھۆججەتنى ب د ت ئومۇمىي يىغىنى بۇ يىل 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت تەرەققىيات رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.

  بۇ ھۆججەتنىڭ تېمىسى «دۇنيارىمىزنى ئۆزگەرتەيلى __ 2030-يىلغىچە بولغان سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى» بولۇپ، كەلگۈسى 15يىلدىكى خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقى ئۈچۈن نىشان كۆرسىتىپ، لايىھەنى پىلانلىدى. ھۆججەتتە نامراتلىقنى تۈگىتىش يېڭى تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ بىرىنچى نىشانى قىلىنىپ، سىجىل تەرققىي قىلغان ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مۇھىتنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى يادرو ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر