باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما: پارلامېنتنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە توسقۇنلۇق قىلىشى ئۇرۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن

2015.08.06 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۈنۈگۈن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلسا، بۇ ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىۋېتىدۇ ھەمدە بىر مەيدان ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  ئوباما شۇ كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئۆتكەن ئايدا ھاسىل قىلىنغان ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئاقلاپ مۇنداق دېدى: ناۋادا پارلامېنت بۇ كېلىشىمنى باستۇرۇپ قويسا، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا يول ئېچىپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە بۇ مۇساپىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بىر مەيدان ئۇرۇش ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىن بىر تاللىشى بولۇپ قالىدۇ.

  ئامېرىكا پارلامېنتى ھازىر ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى تەكشۈرمەكتە، 17-سېنتەبىردىن بۇرۇن بۇ كېلىشىم ھەققىدە قارار چىقىرىپ بولۇشى شەرت، ئوباما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن پارلامېنت ماقۇللىغان ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر قانداق قارار لايىھەسىنى ئىنكار قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر