باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر قىشلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش بىر خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى دېدى

2015.08.06 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى شەھەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىڭمىن تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بېيجىڭ بىلەن جاڭجياكۇنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا بىر خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ پايدىسى پۇقرالارغىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  ليۇ جىڭمىن مۇنداق دېدى: قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شۈبھىسىزكى تەنتەربىيە كەسپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. بۇلتۇر گوۋۇيۈەن چىقارغان «تەنتەربىيە كەسپىنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە، 2025-يىلىغىچە، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ كۆلىمىنى بەش تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش نىشانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قار-مۇز ھەرىكىتى-تەنتەربىيە كەسپىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە 300 مىليارد يۈەنلىك كەسىپ قىممىتى يارىتىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تەرەپكە ئايلىنىدىكەن.

  بۇندىن باشقا، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش يەنە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئۈچ جاينىڭ يېشىل تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىدۇ. ليۇ جىڭمىن مۇنداق دېدى: قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، شەھەرلەر ۋە ئۆتكۈزىدىغان جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى شۇنداقلا ئاممىۋى تەنتەربىيەنى تېخىمۇ كۈچلۈك يولغا قويۇپ، ئاكتىپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر