- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن تۇرغۇزۇش پىلانىنى تەڭشىدى
2015.08.06 14:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېقىندا، قانۇن چىقىرىش پىلانىنى تەڭشىگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلدى. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى قانۇن چىقىرىش پىلانىنىڭ 1- ،2–خىلدىكى تۈرلەر ئەسلىدىكى 68 دىن 102 گە كۆپەيدى، ئەمەلىيەتتە، ئېنېرگىيە قانۇنى، ئۆي مۈلۈك بېجى قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇن توپلىمىنى تۈزۈش قاتارلىق 34 تۈر كۆپەيدى.
كۆپەيتىلگەن قانۇن تۇرغۇزۇش تۈرلىرى ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ئاساسى قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئاساسى قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمى تۇرغۇزۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىلىدۇ، سايلام قانۇنى، يەرلىك تەشكىلات قانۇنى، ۋەكىللەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ؛ ئىككىنچى، دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇن تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ، دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، چېگرا سىرتىدىكى غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى، تور بىخەتەرلىكى قانۇنى، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى قانۇنى، ئېنېرگىيە قانۇنى، يادرو ئېنىرگىيەسى قانۇنى، ئاۋىياتسىيە قانۇنى تۈزۈلىدۇ، ئۆلچەش سىزىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ؛ ئۈچۈنچى، باج يىغىشنىڭ قانۇنغا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى، كۆپەيمە قىممەت بېجى قانۇنى، بايلىق بېجى قانۇنى، ئۆي مۈلۈك بېجى قانۇنى، تاموژنا بېجى قانۇنى، پاراخوت تونناژ بېجى قانۇنى، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىشتىن باج ئېلىش قانۇنى تۈزىلىدۇ؛ تۆتىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇشى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ئورۇنلىرى بىلەن ئەدلىيە جەھەتتە ياردەملىشىش قانۇنى تۈرغۇزىلىدۇ، مەمۇرىي مۇپەتتىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ؛ بەشىنچى، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قانۇن تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت كاپالىتى قانۇنى، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى تۈزىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر