- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فىلىپپىن ئافرىقىدا پارا ئېلىش سەتچىلىكىگە ئارىلىشىپ قالغان جۇڭگولۇق قاچقۇننى دۆلىتىگە قايتۇرۇشنى قارار قىلدى
2015.08.06 14:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىلىپپىننىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى دېلىما يېقىندا ئافرىقىدا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ھەمدە پارلامېنت ئەزاسىغا پارا بېرىش سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قالغان جۇڭگولۇق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قاچقۇن ۋاڭ بونى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى قارار قىلغان.
فىلىپپىن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاڭ بو ئافرىقا كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئافرىقا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارىغا نۇرغۇن پارا بەرگەن ھەمدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پارتىيەسى ئۈچۈن تالاش تارتىش بولۇۋاتقان بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋام پالاتا ئەزاسىغا نۇرغۇن مەبلەغ بەرگەن، فىلىپپىن ئاۋام پالاتاسى بۇ سەتچىلىكنى تەكشۈرمەكتە.
فىلىپپىننىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى دېلىما ئۈلۈشكۈن ئىمزالىغان قارارىدا ۋاڭ بونىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ دۆلىتىگە قايتۇرۇش بۇيرۇقىنى رەت قىلىپ قايتىدىن مۇزاكىرىگە قويۇش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى رەت قىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر