باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەھۋالى كەسكىن بولماقتا

2015.08.06 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايى ۋەزىيىتى كەسكىن بولغان، مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇلتۇر 1-ئايدىن بۇ يىل 6-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايى دېلوسىدىن 429 نى، بۇنىڭغا چېتىشلىق 652 ئادەمنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزۈشنى تەپتىش قىلىش نازارىتىنىڭ ئەمەلدارى خو ياپېڭ مۇنداق دېدى: بەزى جايلارنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى بىلەن جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى مۇكەممەل ئەمەس، بولۇپمۇ دېلولارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس، بۇ-مەسئۇلىيەتسىزلىكنى تەپتىش قىلىش تارماقلىرىنىڭ دېلو يىپ ئۇچىنى بايقىشىغا بەلگىلىك قىيىنچىلىق پەيدا قىلدى. ئەگەر بەزى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ماسلاشقىلى ئۇنىمىسا، ھەتتا مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ قويسا، رازۋېدكا خىزمىتىگە بەلگىلىك توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىمەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتىنىڭ دېلو يۈز بېرىش ۋاقتى ئۇزۇن، ساھەسى كەڭ، ھالقىلىرى كۆپ، دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ. شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، بەزى جايلار مۇشۇنداق دېلولارنى بېجىرگەندە، رازۋېدكا ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى كېچىكىش ئەھۋاللىرى ساقلانغان بولۇپ، دېلو بېجىرىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر