باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بېيجىڭ 2022-يىللىق قىش پەسىللىك ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى

2015.07.31 18:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) بۈگۈن چۈشتىن كېيىن 17:58 خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىنىڭ 128-قېتىملىق يىغىنىدا، بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىش پەسىللىك ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  بۇ بېيجىڭنىڭ 2008-يىلى ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بىلەن «ئۇچرىشىشى» بولۇپ، يازلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن ھەم قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان تۇنجى شەھەر بولۇپ قالدى.

  خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىدا 100 ئەزا بولۇپ، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ تۇنجى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشقا قاتناشمايدۇ، ئۈچ نەپەر جۇڭگولۇق ئەزامۇ بېلەت تاشلاشقا قاتناشمايدۇ، بۈگۈنكى بېلەت تاشلاشقا 11 ئەزا قاتناشمىدى، شۇڭا جەمئىي 85 نەپەر خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بېلەت تاشلاشقا قاتناشتى.



  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر