باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش قىسمى بېرمىغا يېتىپ باردى

2015.08.06 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بېرمىدىكى ئەلچىخانىسى تۈنۈگۈن بېرمىدىكى جۇڭگو كارخانىلىچىلىرىنى چاقىرىپ بېرمىنىڭ كەلكۈن ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى ياردەم بېرىش خىزمىتىگە پائال ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېرمىدا كەلكۈن ئاپىتى بولغاندىن بۇيان بېرمىغا تۇنجى بولۇپ بارغان خەلقئارا قۇتقۇزۇش كۈچلىرى بولۇش سۈپىتىدە جۇڭگو كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش قىسمىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئون ئەزاسى تۈنۈگۈن ئاپەت ئېغىر بولغان رايونغا يۈرۈپ كەتتى.

  جۇڭگونىڭ بېرمىدىكى باش ئەلچىسى خۇڭ لياڭ ساگائىڭ ئۆلكىسىدىكى قۇتقۇزۇش مەيدانىدا مۇنداق دېدى: ئاپەت رەھىمسىز بولغىنى بىلەن ئادەم رەھىمدىل. بۇ كەلكۈن ئاپىتى ئالدىدا جۇڭگو خەلقى بېرما خەلقى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ بېرمىدىكى ئەلچىخانىسى ھەمدە جۇڭگو كارخانا ئورگانلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ئىئانە توۋلاپ مېھرىبانلىق يەتكۈزىدۇ.

  جۇڭگونىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن بېرما مۇخبىرلىرى جۇڭگونىڭ قۇتقۇزۇشى تېز، ئۈنۈملۈك بولدى دەپ ماختىدى.

  يېقىندىن بۇيان، ئۇدا يامغۇر ياغقانلىقتىن بېرمىنىڭ 14 ئۆلكىسىنىڭ 12سىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. بېرما ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىدە 69 ئادەم قازا قىلغان، 250مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاپەتنىڭ زېيىنىغا ئۇچرىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر