باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە تاراتقۇلىرى ئابې 14- ئاۋغۇست ئۇرۇشتىن كېيىنكى 70 يىل توغرىسىدا سۆزلەيدۇ

2015.08.06 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، توكيو، 5- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقى 5- ئاۋغۇست ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەردار ئەربابىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: باش ۋەزىر ئابې شىنزو مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى ئورۇشتىن كېيىنكى 70 يىل توغرىسىدا سۆز قىلىشى مۇمكىن. سۆز ئارگىنالىنى يېزىشقا ياردەملەشكەن مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى 6- ئاۋغۇست كەچ ئابېغا ئاخىرقى ئارگىنالىنى تاپشۇردى. كيودو ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ قارىدى: «ئابېنىڭ سۆزى»دە ئۆتكەن ئۇرۇش ھەققىدە «ئۈزۈل كېسىل ئويلىنىش» دېگەن سۆز كىرگۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئوچۇق ئاشكارا «كەچۈرۈم» سوراش بولمايدۇ.

  بۇ خەۋەردار ئەرباب مۇنداق دەپ بىشارەت بەردى: ئۇرۇشتىن كېيىنكى 50 يىل سۆزىنى قىلغان موراياما سۆزى بىلەن ئۇرۇشتىن كېيىنكى 60 يىل سۆزىنى قىلغان كوئىزومىنىڭ سۆزى ئوخشىمايدۇ، «ئابېنىڭ سۆزى»گە كابېنت قاراپ چىقمايدۇ، بەلكى «ئابېنىڭ شەخسى پىكرى» سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

  كيودو ئاگېنتلىقى يەنە : ئابې ھۆكۈمىتىدە «ئابېنىڭ سۆزى»نى كابېنتنىڭ قاراپ چىقىش سۇنۇش كېرەك دېگەن سادالار كۆپىيىپ قالدى، دېدى.

  «موراياما سۆزى» ۋە «كوئىزومى سۆزى»دە ياپونىيەنىڭ ئۆتكەن مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ۋە تاجاۋۇزچىلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان ۋە كەچۈرۈم سورىغان. ئابې بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم مۇنداق دېگەن: ئۇرۇشتىن كېيىنكى 70 يىل سۆزىدە ئاساسەن بۇ ئىككى سۆزگە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، بىراق بەزى ھالقىلىق سۆزلەر ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كېلىنمەيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر