باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭدا كىچىك بالىلارنى يالغۇز قويۇش چەكلىنىشى مۇمكىن

2015.08.05 10:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى: يېقىندا نەنجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى «نەنجىڭ شەھىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى(لايىھە)»نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. لايىھەدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە ياكى ھامىيلەرنىڭ بەش تۈرلۈك قىلمىشنى سادىر قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئالتە ياشقا توشمىغان ياكى فىزولوگىيە سەۋەبىلىك ئالاھىدە كۈتۈشكە ئېھتىياجلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى يالغۇز قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمە كەڭ دىققەتنى تارتتى.

  كۆرگىلى بولىدىغان ئائىلە زوراۋانلىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل بالىلارنى مەقسەتسىز ياكى قەستەن يالغۇز قويىدىغان ھەمدە خەتەرلىك ئەھۋالدا قويىدىغان قىلمىشنىڭ كۆرۈنمەس بولۇش ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك ئەمەلىيەتتە قانۇننىڭ ياقىلىرىدا بولىدۇ، تۈزۈم ياردىمى كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشى تەس بولۇپ قالماي، جازالاشمۇ ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولماسلىقتەك مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماقتا. بۇ نىزام ئاتا-ئانىلارنىڭ ھامىيلىق مەجبۇرىيىتىگە قارىتا كونكېرت بەلگىلەش ئېلىپ بېرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە قارىتا تېخىمۇ تەپسىلىي قوغداش ئېلىپ باردى،بۇ شۈبھىسىزكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

  ۋاھالەنكى قانۇن تۈزۈپ قويۇش بىلەنلا قانۇن ئۆزى ئىجرا بولمايدۇ. نىزامنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بىر قىسىم كونكېرت قانۇنىي مەسىلىلەر يەنىلا بەلگىلىنىشكە موھتاج، مەسىلەن «يالغۇز قويۇش»نىڭ چېگراسى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟ «ئالەھىدە خەۋەر ئېلىش» دېگەن نېمە؟ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش بىر ئىنچىكە خىزمەت بولۇپ، قانۇننىڭ خەيرخاھلىقىنى جارىي قىلدۇرۇشتىن سىرت، يەنە قانۇن تۈزۈشتىن باشقا تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىش كېرەك، مەسىلەن تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئاممىۋىي كاپالەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش لازىم. مۇشۇنداق بولغاندا مۇۋاپىق بولغان قانۇننىڭ پۇختا ئىجتىمائىي ئاساسى بار بولىدۇ، «كەلگۈسىمىز»نى ئىشەنچىلىك ھەم كۈچلۈك قوغدىغىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر