خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەشكىللىگەن 2015 – يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار – ئۆسمۈرلەر پۇتبول لەۋھە تالىشىش (يىللىق) ۋە «مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن» جۇڭگو ئەلئارا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى مۇسابىقىسى 4 – ئاۋغۇست شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا باشلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھىرىدىن كەلگەن 32 كوماندىدىدىكى 700 دىن ئارتۇق ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى.
سۈرەتتە: ئىلى ئوبلاستى قىزلار پۇتبول كوماندىسى بىلەن سانجى ئوبلاستلىق قىزلار پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى