خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تەيۋەننىڭ سەككىز چوڭ كەچلىك بازىرىدىكى ئەنئەنىۋىي ئۇششاق يېمەكلىكلىرى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، 100 خىلدىن ئارتۇق ئۆزگىچە يېمەكلىكلەر تەيۋەندىن ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن. دۈشەنبەدىن پەيشەنبىگىچە چۈشتىن كېيىن سائەت 18:00دىن كەچ 23:00 گىچە ؛ ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام كۈنلىرىدە سائەت 11:00دىن 23:00گىچە تىجارەت قىلىنىدۇ. ساياھەتچىلەر تەيۋەننىڭ داڭلىق يېمەكلىكلىرىگە ئېغىز تېگىپلا قالماي، يەنە تەيۋەننىڭ سەنئەت نومۇرلىرىدىنمۇ ھوزۇرلىنالايدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى