باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«دۆلىتىمىز قانچىلىك تەرەققىي قىلسا، ئىشلىرىمىزمۇ شۇنچە تەرەققىي قىلىدۇ»

2015.08.04 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 1 – ئاۋغۇست بېيجىڭ 2022 – يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەننىڭ ئەتىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پىشقەدەم تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئامما ۋەكىللىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئېقىندالا بازىرىدىكى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنى تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ، 2016 – يىلى يانۋاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆردى.

  2012 – يىلى 28 –سىنتەبىر قۇرۇلۇش باشلىنىپ، تېز سۈرئەتتە قۇرۇلۇش پۈتۈپ،بۇلتۇر سىناق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنى تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئېقىندالا بازىرىدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 1650 مېتر ئېگىز كېلىدىغان بۇ مەركەزدە ھازىر تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، مۇز توپى، مۇز چەينەك ۋە مۇزدا گۈل چىقىرىپ تېيىلىش تۈرلىرىدە مەخسۇس مەيدان تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئېگىزدىن قارىسا خۇددى ئېچىلىپ تۇرغان قار لەيلىسىگە ئوخشايدىغان بۇ مەركەز كېلەر يىلى يانۋاردا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قىشلىق تەنھەرىكەت ماھىرلىرىنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ.

  1 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 لاردا شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنى تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇزدا گۈل چىقىرىپ تېيىلىش زالىدا ترېنېر لى يوڭنىڭ باشلىقىدا 100 گە يېقىن 10 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان بالىلار مۇز ئۈستىدە شەكىل چىقىرىپ مۇز تېيىلىشنى مەشىق قىلىۋاتاتتى. بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئېقىندالا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئۆمەرجان ئەنۋەر قاتاردىكى بالىلارنىڭ ئەڭ ئېگىزى بولۇپ، ھەرىكىتىمۇ ناھايىتى چاققان ئىدى.

  ـــ 31 – ئىيۇل تېلىۋېزۇردىن دۆلىتىمىزنىڭ 2022 – يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم. دۆلىتىمىز بۇرۇنمۇ يازلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەنىدى. مېنىڭچە تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈشى بىزنىڭ چېنىقىپ، بەدەن ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق دەپ قارايمەن. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىنىڭ ئىشىك ئالدىمىزدا ئۆتكۈزۈلىشى بىزگە زور بازار پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، ئۆزۈمنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇز تېيىلىش ماھارىتى كۆرسىتىدىغانلىقىمدىن تېخىمۇ خۇشالمەن. دادام، ئاپام كىچىك تىجارەتچى، مۇسابىقىدە كۆپلەپ ئادەم كەلسە ئۇلارنىڭ ئاشخانىسى تىجارىتى گۈللىنىدۇ،- دېدى ئۆمەرجان ئەنۋەر ماڭا.

  ساراي قۇرۇلۇشلىرىنى كۆرۈپ چېھرىدىن مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇرغان ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن ئەخمەتجان قاسىم ئاكا ماڭا باشمالتىقىنى چىقىرىپ خۇشاللىقىنى بىلدۈردى.

  ــــ شىنجاڭنىڭ تەنتەربيە سارايلىرى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بۇنچە تەرەققىي قىلىشى ماڭا زور ئىلھام بەردى. بۇ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ياخشىلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. نۆۋەتتىكىدەك ئىناق، مۇقىملىق ۋەزىيىتى بولمىسا بۇنچە زور قۇرۇلۇشلارنى قىلغىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بېيجىڭ 2022 – يىللىق قىلشىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشتى، شىنجاڭ مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. شىنجاڭلىق ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇلار قوش خۇشاللىقتۇر،- دېدى ئەخمەتجان قاسىم ئاكا،- شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، قىشلىق تەنھەرىكەت بايلىقى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بولۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى تولۇق، قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭدىن مەملىكىتىمىزگە بىر تۈركۈم تەنتەربىيە ئىقتىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىپلا قالماستىن يەنە شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرى تەرەققىياتىنىمۇ تېزلىتىدۇ. دۆلىتىمىز قانچىلىك تەرەققىي قىلسا، ئىشلىرىمىزمۇ شۇنچە تەرەققىي قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر