باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەسپىي ئورۇن ئىسلاھاتى سۈرئەتنى تېزلىتىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، «كەسپىي خادىملار» ئۈچ چوڭ ئۆزگۈرۈشنى كۈتۈۋالدى

2015.08.04 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 4-ئىيۇل تېلېگراممىسى. «گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە رەھبىرىي يولداشلارنىڭ كۆرسەتمە روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەشتىكى نەقلەشتۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى». ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا تاراتقۇلارغا بۇ خىزمەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالىدىن مەخسۇس دوكلات بەردى.

  2015-يىلى كېيىنكى يېرىم مۇساپىگە ئۆتتى. بەلگىلەنگەن نىشانغا ئاساسەن، كەسپىي ئورۇنلار بۇ يىل تۈرلەرگە بۆلۈشنى ئاساسەن تاماملايدۇ، جامائەت پاراۋانلىق مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلارنى باشقۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈلدى. مۇخبىر كەسپىي ئورۇن ئىسلاھاتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى سۈرئەتنى تېزلىتىش مەزگىلىگە قەدەم قويغانلىقى، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا مۇھىم بۆسۈشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلدى.

  ئۆزگۈرۈش 1: «تۆمۈر تاۋاق» يوقالدى، يۇقىرىغىمۇ چىقالايدىغان، تۆۋەنگىمۇ چۈشەلەيدىغان بولدى

  «كەسپىي ئورۇن كادىرلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) 2014-يىل 1-ئىيۇل رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ كەسپىي ئورۇن كادىرلىرىنى باشقۇرۇشتىكى تۈنجى مەخسۇس قانۇن-نىزامى ھېسابلىنىدۇ.

  2015-يىلىغا كىرگەندە، كەسپىي ئورۇن كادىرلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى. 6-ئاينىڭ باشلىرىدا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق يولغا قويۇلۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.

  ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرى ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان قوللانغان باشقۇرۇش ئەندىزىسى كەسپىي ئورۇن باشقۇرۇشىدىكى «ئورگانلاشتۇرۇش»، «مەمۇرلارشتۇرۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى. «باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە مۇنداق دېيىلدى: كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرىنى تاللاشتا، كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىش ئورنى تەلىپىگە ئاساسەن، تەشكىللىك تاللاش، رىقابەتلەشتۈرۈپ ئىش ئورنىغا قويۇش (تەكلىپ قىلىش)، ئاشكارا تاللاش (تەكلىپ قىلىش) قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇلنى قوللانسا، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تاللىشىغا ھاۋالە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدەنسىمۇ بولىدۇ.

  ئۆزگۈرۈش 2: ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدىغان، يەنە كەسىپ يىللىق پۇلى تاپشۇرىدىغان بولدى

  سەنشى، شاڭخەي، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ ۋە چۇڭچىڭدىن ئىبارەت بەش ئۆلكە، شەھەر 2008-يىلىدىن باشلاپ كەسپىي ئورۇن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى، لېكىن، ئورگانلاردىكى مەمۇرلارنىڭ قاتناشمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەب تۈپەيلى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا كۆپ يىلدىن بۇيان ماھىيەتلىك بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلمىدى.

  2015-يىل 1-ئايدا، بۇ تۈرلۈك ئىسلاھاتتا ئاخىرى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. گوۋۇيۈەن «ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى قارار» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردا كارخانىلارغا ئوخشاش ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  «قارار»دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرگە جامائەت بىر تۇتاش پىلانلاش بىلەن شەخسىي ئىسچوت ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئاساسىدا، خىزمەتچىلىرىگە كەسپىي يىللىق پۇل تەسىس قىلىشى كېرەك. ئورۇن ئۆز ئورنىنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ٪8ى بويىچە تاپشۇرۇشى، شەخسلەر مائاشىنىڭ ٪4ى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك.

  ئۆزگۈرۈش 3: ئاساسىي مائاش كۆپەيتىلدى، مائاشنىڭ ئۆسۈشىگە يىللاپ تەقەززا بولىدىغان ئىش يوق بولدى

  «7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەشتىكى نەقلەشتۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى». ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى 31-ئىيۇل تاراتقۇلارغا بۇ خىزمەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالىدىن مەخسۇس دوكلات بەردى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنى تەڭشەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، زۇڭلى كۆپ كېتىم كۆرسەتمە ۋە تەستىق چۈشۈرۈپ، جايلار، تارماقلاردىن تەشكىللەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، سىياسەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر