باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كونا لىفىتتىن 412نى رەتلەپ تەكشۈردى

2015.08.03 14:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2014-يىل دېكابىرنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن شىنجاڭدا تۈرلۈك لىفىتتىن جەمئىي 42 مىڭى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىلا 20 مىڭدىن كۆپ لىفىت بار بولۇپ، شىنجاڭدىكى لىفىت ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا لىفىت بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان، پەقەت 2014-يىلىلا پۈتۈن شىنجاڭدا 7000غا يېقىن لىفىت كۆپەيگەن. بۇ يىل مارتتا، دۆلەتلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكىتىمىز مىقياسىدا لىفىت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

  ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئىيۇننىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن شىنجاڭدا ئىشلىتىلگىنىگە 15 يىلدىن ئاشقان كونا لىفىتتىن 412 سى بايقالغان؛ ئىشلەتكەن ۋە ئاسرىغان ئورۇنلار ئۆزلىرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ سانىنى بەرگەن لىفىت جەمئىي 34 مىڭ 914 بولۇپ، يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان لىفىتتىن 5634ى بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 5279 لىفىتنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى تۈگىتىلگەن، يوشۇرۇن خەۋپ تۈگىتىلمىگەن لىفىتلارغا نازارەت قىلىش تەدبىرى قوللىنىلغان، 82 لىفىت تەشەببۇسكارلىق بىلەن توختىتىلغان. لىفىت ياسىغان ئورۇنلار ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەسىلا بار، دەپ دوكلات قىلىنغان لىفىت 134 بولۇپ، بۇنىڭ 133ىدە ھەقىقەتەن مەسىلە بار ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلە شتۈرۈلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر