باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: دۆلەر كارخانىلاردا تۈزۈم مۇكەممەل بولماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەمەلىيلەشمەسلىك مەسىلىلىرى ئومۇميۈزلۈك ساقلانماقتا

2015.08.03 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش تور بېكىتىنىڭ 3- ئاۋغۇست «دۆلەت كارخانىلىرىدا پارتىيەنى قاتتىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش»سەرلەۋھىلىك 4- ماقالىسى «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش»نى ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كۈزىتىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، دۆلەت كارخانىلىرىدا تۈزۈم مۇكەممەل بولماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەمەلىيلەشمەسلىك مەسىلىلىرى ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان، پارتىيە رەھبەرلىكى، پارتىيەنى قاتتىق تۈزەش بوش، چېچىلاڭغۇ، ئاجىز بولغان.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت كارخانىسى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم كۈچى. دۆلەت كارخانىسىنى زورايتىش، قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم ھالقا. مەركەز كارخانىلىرىنى كۈزىتىش ئارقىلىق، ھازىر بايقىغان مەسىلىلەر ئاساسىدا، نەتىجىلەرنى تولۇق قېزىپ چىقىپ، ئابىستىراكىت تاۋلاپ، ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، كارخانىلارنى باشقۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر