بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نى ئىلتىماس قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسىدىن ياۋ مىڭ (ئوتتۇرىدا)، لى نىنا (ئوڭدىن 3-كىشى)، ياڭ لەن (ئوڭدىن 1-كىشى) قاتارلىقلار بېيجىڭغا كەلدى
بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئىلتىماس قىلىش ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 8-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى، پايتەختتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى قىزغىن قارشى ئالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ باشچىلىقىدىكى بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئىلتىماس قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر 8-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى، پايتەختتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ئايرۇپورتقا چىقىپ قىزغىن قارشى ئالدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەڭگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو جىنلۇڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جىڭ ئايرۇپورتقا چىقىپ كۈتىۋالدى.
ليۇ يەندۇڭ ئايرۇپورتتا مۇنداق دېدى: قىشلىق ئو ت م نى ئىلتىماس قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بۇ قېتىم كۇئالا لۇمپۇر سەپىرىدە پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلق تاپشۇرغان شەرەپلىك بۇرچنى تولۇق ئادا قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ تەبىرىك خېتى ئىۋەتىپ، ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبىرىكلىدى ۋە قىشلىق ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى سەمىمىي ئۈمىدىنى يەتكۈزدى، بۇ بىزگە زور مەدەت بولدى. ئىلتىماس قىلىش مۇساپىمىزنى ئەسلىسەك، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، خەلقئارادىكى دوستلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن ھەم ئىلتىماس قىلىش ئۆمىكىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىز يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ۋەدىمىزنى نەقلەشتۈرۈپ، ئولىمپىك ھەرىكىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىپ، ئىككى يۈز يىل نىشانىغا ۋە جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشكە تىرىشىمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى