باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان نيۇ - يورك ئايرودرومىغا تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىرىپ، ئىككى ئايروپىلان بىلەن سوقۇشۇپ كەتكىلى تاس قالدى

2015.08.03 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ2- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بارغانسېرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئامېرىكا نيۇ – يورك كېننىدى خەلقئارا ئايرودرومىدا ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانى قونۇۋاتقاندا، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن سوقۇشۇپ كەتكىلى تاس قالدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى ساقچى تەرەپكە كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بەلكىم تىرورچىلار تەرىپىدىن ھۇجۇم قورالى قىلىپ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن دەپ ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كېننىدى خەلقئارا ئايرودرومى يولۇچىلار ئايروپىلانىغا تەھدىت سېلىش ۋەقەسى ئالدىنقى جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا كۆك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 1483نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇيەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 2دىن 24مىنۇت ئۆتكەندە قونۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، ئۇچقۇچى بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئاستىدىن سىيپاپ ئۆتكىنىنى كۆرگەن.

  ئاۋىئاتسىيە مۇتەخەسىسلىرى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئايرودرومىغا كىرىشى ئەجەللىك ئايروپىلان ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەگەر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ماتورىغا كىرىپ قالسا، ماتورنى ۋەيران قىلىۋىتىدىكەن، ئەگەر ھەيدەش بۆلمىسىگە سوقۇلۇپ كەتسە، ئۇچقۇچىنى يارلاندۇرىشى ياكى ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر