باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر–بازارلىرىدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا 320 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

2015.08.03 14:40         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى. 20 – ئىيۇنغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر – بازارلاردا 323 مىڭ 700 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، شەھەر – بازارلارنىڭ تىزىمدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %4 ئىچىدە كونترول قىلىندى.

  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون يولغا قويغان توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى قوللايدىغان پايدىلىق سىياسەتلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىغا 16 مىڭ 800 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچى 12 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، %71.42 نى ئىگىلەيدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى يۆلەشنى مەقسەت قىلغان ‹‹تېز ئۈنۈم بېرىدىغان›› نەچچە يۈز تۈرنى يولغا قويۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا 23 مىڭ 100 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچى 17 مىڭ 300 بولۇپ، %74.89نى ئىگىلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت بۇ يىل مەركەز خامچوتىدىن 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا ئۆزگىچە كەسىپلەر بويىچە ئەمەلىي تەربىيەلەش بازىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەركىزى قۇرۇشقا ئىشلىتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر