باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر سانائىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

2015.08.03 14:41         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ‹‹جۇڭگونىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانى تەمىنلەيدىغان بولدى›› مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر سانائىتى تەقلىد قىلىپ ياساشتىن ئۆزى تەتقىق قىلىپ لايىھەلەشكىچە، رېمونت قىلىشتىن ياساشقىچە، ماشىنا – ئۈسكۈنىلەرنى ئايرىم ياساشتىن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭ بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندى ھەم بەزى مۇھىم ماشىنا ئۈسكۈنىلەر بىلەن جۇڭگونىلا ئەمەس، دۇنيانىمۇ تەمىنلەشكە باشلىدى. ئاپتونوم رايونىمىز ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر سانائىتى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئالدىنقى تۆت يىلىدىكى ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى% 19.8 بولدى.

  شىنجاڭنىڭ ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر سانائىتى 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، تەقلىد قىلىپ ياساش، تېخنىكا كىرگۈزۈش، ئۆزى تەتقىق قىلىپ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەشتىن ئىبارەت باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىلغار تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان نېفىت ئۇنىۋېرسال قۇدۇق خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى، 120 توننىلىق ۋىشكا سۆرەش ئاپتوموبىلى، قۇملۇق دالا ئاپتوموبىلى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئاپتونوم رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىزدىكى مۇشۇ مەھسۇلاتلار كەمچىل بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر كەسپىي ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يىنچى مۇنداق دېدى: ‹‹بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يۆتكەپ، شاڭخەيدىكى <ھەممىباب> ئاپتوموبىل شىركىتى، <سەنيى> ئېغىر سانائەت شىركىتى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۈركۈم داڭلىق كارخانىلارنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، 100 تۈرنى ئاپتونوم رايونىمىزغا ماكانلاشتۇردى. ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 52 مىليارد يۈەن بولۇپ، ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر كەسپىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، كەسىپ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى››.

  2012 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئىككى ئاپتوموبىل كىرانى بىلەن بىر زەنجىر تاپانلىق قېزىش ماشىنىسى ‹‹سەنيى›› غەربىي شىمال ئېغىر سانائەت باغچىسىدا ياسىلىپ پۈتتى؛ 2013 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، شاڭخەي ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدا تۇنجى پىكاپ ئىشلەپچىقاردى. بۇ ئىككى تۈر رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، شىنجاڭ پىكاپ ۋە قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرالمايدىغان تارىخقا خاتىمە بەردى. شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى، ‹‹سەنيى›› غەربىي شىمال ئېغىر سانائەت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹بېيچې›› ئېنېرگىيە قورال – جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تەيخاڭ ئېغىر ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم كارخانىلارنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىمۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تولۇق ئىشقا كىرىشىپ، ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر سانائىتى تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  2014 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر سانائىتىنىڭ كۆلەملىك كارخانىلىرى ئورۇندىغان سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 60 مىليارد يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، 2009 – يىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيدى؛ 2014 – يىلى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 100مىليون يۈەندىن ئاشقان كارخانا 45 بولۇپ، 2009 – يىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيدى؛ 2014 – يىلى مۇقىم مۈلۈكلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 18 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، 2009 – يىلىدىكىدىن توققۇز ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيدى؛ 2014 – يىلى ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭلا سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد 810 مىليون يۈەن بولۇپ، 2009 – يىلىدىكىدىن ئالتە ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشتى؛ 2014 – يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل 21مىڭ 994 بولۇپ، 2009 – يىلىدىكىدىن سەككىز ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشتى.

  ھازىر شىنجاڭنىڭ ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر سانائىتى توك يەتكۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى، دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى، نېفىت – خىمىيە ئۈسكۈنىلىرى، ئاپتوموبىل سانائىتىنى ئاساس قىلغان يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر سانائىتى كەسپىي ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئاساسلىقى چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلىرى گۇرۇپپىسى، چوڭ تىپتىكى تىرانسفورموتور قاتارلىق ئىقتىدار جەھەتتە خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلىرى گۇرۇپپىسى ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئافرىقا قاتارلىق چەت ئەل بازارلىرىغا كىرىشكە باشلىدى. ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكا شىركىتى دۆلەت ئىچىدە 1 – ئورۇندا تۇرىدىغان، خەلقئارادىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ياساش كارخانىسى ھەم شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇق قۇراشتۇرۇش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىغا ئايلىنىپ، ‹‹جۇڭگونىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانى تەمىنلەيدىغان›› تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپى توپلاشقان رايونلار قۇرۇلۇشى نەتىجىلىك بولۇۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى – سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بايلىق، كەسىپ ۋە تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ، قۇرۇلۇش قىلىپ، تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، كەسىپلەرنى توپلاشنىڭ ئۈنۈمىنى نامايان قىلىۋاتقان بولۇپ، قۇمۇل شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، كورلا نېفىت – خىمىيە ئۈسكۈنىلىرى ۋە شىخەنزە دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق ماشىنا – جابدۇقلىرى قاتارلىق كەسىپلەر توپلاشقان رايونلارمۇ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىۋاتىدۇ.

  ۋاڭ يىنچى مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر سانائىتىنى سىرتقا يۈزلىنىدىغان تېخىمۇ كەڭ ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزنى غەربىي قىسىمدىكى مۇھىم جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسى ۋە غەربكە تاۋار ئېكسپورت قىلىش بازىسىغا ئايلاندۇرىدىغان تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. بىز بۇنىڭدىن شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە شىنجاڭدىن پۈتۈن مەملىكەتكە، ھەتتا دۇنياغا يۈزلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر