خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇيەر ۋاقتى1- ئاۋغۇست، ئامېرىكا لويىزاننا شتاتى مونروي شەھىرىدىكى 2- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە« پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئائىلىسى»غا جەم بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. بۇ پائالىيەتنى چېننولت ئاۋىئاتسىيە ھەربىي ئىشلار مۇزېيىنىڭ باشلىقى، گېنېرال چېننولتنىڭ نەۋرە قىزى كەللېۋېي تەشكىللىگەن بولۇپ، «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى» نىڭ ئەزاسى، 93 ياشقا كىرگەن رىچارد شېرمان قاتارلىق 2- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەتتە «غەلىبە سۆيگۈسى» ناملىق نومۇر ئورۇندىلىنىپ ، 70 يىل بۇرۇن ياپونىيەنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنكى خۇشاللىق تەنتەنىسى قايتا نامايان بولدى.
سۈرەتتە: پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە كونا ناخشىلارنى ئېيتماقتا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى