باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى لىفىت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ

«شىنلۇڭ» ماركىلىق تۇتقۇچلۇق لىفىتنى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

2015.08.03 14:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جىنجۇ شەھىرىدە لىفىتتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى 30 - ئىيۇل جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتوماتىك تۇتقۇچلۇق لىفىت ۋە ئاپتوماتىك پىيادىلەر يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەم سۇجۇ «شىنلۇڭ» لىفىت پاي چەكلىك شىركىتى ياسىغان ئاپتوماتىك تۇتقۇچلۇق لىفىت ۋە ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولىنى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، جايلاردىكى سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى لىفىت ئىشلىتىش، ئاسراش ئورۇنلىرىنىڭ ئاپتوماتىك تۇتقۇچلۇق لىفىت ۋە ئاپتوماتىك پىيادىلەر يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش ئاپپاراتلىرىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش قاپقىقى، قەۋەت تاختىسى، قوغداش توسىقى، شۇنداقلا تاغاقسىمان تاختا قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ۋەقە يۈز بېرىش خەۋپى بايقالغان ھامان، ئۇنى دەرھال ئىشلىتىشتىن توختىتىش ھەم بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە تارقاقلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئاسراش مەشغۇلاتىدىن كېيىن، چاتاق چىققان قاپقاقنىڭ جايىغا چۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سۇجۇ «شىنلۇڭ» لىفىت پاي چەكلىك شىركىتى ياسىغان ئاپتوماتىك تۇتقۇچلۇق لىفىت ۋە ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولىنى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىپ، ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇن ۋە ئاسرىغۇچى ئورۇن بىلەن بللە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ يوقلۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى قايتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھەر خىل لىفىتتىن 42 مىڭى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوماتىك تۇتقۇچلىق لىفىت ۋە ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولى 4000دىن ئاشىدۇ. دەسلەپكى ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا «شىنلۇڭ» ماركىلىك ئاپتوماتىك تۇتقۇچلۇق لىفىت ۋە ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولىدىن 21ى بار ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر