باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىدا تارىخىي رېكورت يارىتىلدى

2015.08.03 14:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئەڭ زور توك يەتكۈزۈش مىقدارى 23 - ئىيۇلغىچە 25 مىليون 730 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئېشىپ، توك ئىشلىتىش مىقدارىدا تارىخىي رېكورت يارىتىلغان. بۇ مەزگىلدە توك ئىشلىتىشنى چەكلەش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

  ئىيۇل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى ئىزچىل ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ قېتىم تارىخىي رېكورت يارىتىلدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى توك ئىشلىتىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان، ھاۋا ئۈزلۈكسىز ئىسسىۋاتقان شارائىتتا، ئاپتونوم رايوننى سىجىل توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىلمىي مۆلچەرلەپ، توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋېلىش يازلىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ۋاقىت، پەيتكە ئاساسەن تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، توك قىس بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى توك يەتكۈزۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلىشىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى ۋە رېمونت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر