باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەسلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىش ۋاقتى 10 كۈنگە قىسقارتىلدى

شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە بېرىش ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلاش ۋاقتى7 كۈنگە قىسقارتىلدى

2015.07.31 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەتىدىن باشلاپ، بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەسلەر بېيجىڭدا چېگرادىن چىقىش – كىرىش گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىش ۋاقتى20كۈن قىسقىرايدۇ يەنى ئەسلىدىكى 30 خىزمەت كۈنىدىن 10 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىدۇ. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە بېرىش ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلاش ۋاقتى 7 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى.

  شەھەرلىك چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇندىن كىيىن يەنە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئارقا-ئارقىدىن خەلققە قولايلىق باشقا يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدۇ. شەھەرلىك چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چې يەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەتىدىن باشلاپ، شەھەرلىك چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەسلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسىنى بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئىلتىماس قىلغۇچى چېگرىدىن كىرىش - چىقىش خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ھاۋالە قىلىش، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، چەت ئەللىك يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارغا ۋىزا قولايلىق يارىتىپ بېرىش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك خەلققە قولايلىق تەدبىرنى يولغا قويىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر