- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوخشاش دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا داۋالانغاندا ھەممىباب كارتا ئىشلىتىلىدۇ
2015.07.31 16:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدا دوختۇرخانىدا داۋالانغاندا «ھەممىباب كارتا» ئىشلىتىش سىناق نۇقتا قىلىپ يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن، تۈنۈگۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن خۇش خەۋەر يېتىپ كەلدى، بۇ يىلنىڭ يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، ھەر قايسى ۋىلايەت ـ ئوبلاستلاردىكى 2-3دوختۇرخانا بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى داۋالىنىش كارتىسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.
داۋالىنىش ھەممىباب كارتىسى سۇغۇرتىغا قاتناشقان بىمارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، دىئاگنوز، باھا قويۇش، پۇل تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈش، داۋالىنىش، دورا ئېلىش، ئۇچۇر تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، داۋالانغاندا «ھەممىباب»كارتا بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، سۇغۇرتىغا قاتناشقان بىمار شۇ كىشىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىپ، ئوخشىمىغان دوختۇرخانىلاردا بىۋاستە داۋالانغاندا، راسچوت قىلغاندا، داۋالىنىش كارتىسىنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر