باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش سوممىسى ٪30چە تۆۋەنلىدى، دېدى

2015.07.31 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش سوممىسى 1 تىرىللىئون 730 مىليارد 534 مىليون يۈەن بولۇپ، 2013-يىلىدىكىدىن 92 مىليارد 424 مىليون يۈەن كۆپەيگەن، ٪5.6 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى 11.6 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە چىقىمى ۋە GDPسىدا ٪11.4 ۋە ٪2.7نى ئىگىلىگەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش كۆلىمى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەردە نامايان بولدى، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلاردا كۆرۈلگەن ئۈنۈم تەدرىجىي روشەنلەشتى. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە گەۋدىلىنىدۇ:

  −ھۆكۈمەت ھەشەمەتلىك ئىمارەت قۇرۇلۇشىنى قاتتىق باشقۇرۇش، قىسمەن رايونلاردا ئىلگىرى مەبلەغ سېلىنغان تۈرلەرنى تەدرىجىي تاماملاش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، قۇرۇلۇش تۈرىدىكى سېتىۋېلىشنىڭ ئېشىش نىسبىتى زور نىسبەتتە ئەسلىگە قايتتى. قۇرۇلۇش تۈرىدىكى سېتىۋېلىش سوممىسى 1 تىرىللىئون 14 مىليارد 111 مىليون يۈەن بولۇپ، سېتىۋېلىش ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ٪58.6ىنى ئىگىلىگەن، 2013-يىلىدىكىدىن ٪2.2 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى 16.3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

  −جايلار، تارماقلار تېجەشلىك بولۇش تەدبىرلىرىنى قاتتىق يولغا قويۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى ۋە «ئۈچ ھۆكۈمەت» خىراجىتىنىڭ ئېشىشىنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقى ئۈچۈن، نەرسە-كېرەك تۈرىدىكى سېتىۋېلىشنىڭ ئېشىش نىسبىتى پەسەيدى. نەرسە-كېرەك تۈرىدىكى سېتىۋېلىش سوممىسى 523 مىليارد 4 مىليون يۈەن بولۇپ، سېتىۋېلىش كۆلىمىنىڭ ٪30.2ىنى ئىگىلىگەن، 2013-يىلىدىكىگە قارىغاندا ٪6.3 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى 5.8 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاچقا، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش سوممىسى 2013-يىلىدىكىدىن 7 مىليارد 794 مىليون يۈەن ئازايغان، ٪27.6 تۆۋەنلىگەن.

  −ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سېتىۋېلىشقا قاراتقان مۇلازىمەت تۈرلىرى زور نىسبەتتە ئېشىپ، مۇلازىمەت تۈرىدىكى سېتىۋېلىش سۈرئىتى تېزلەشتى. مۇلازىمەت تۈرىدىكى سېتىۋېلىش سوممىسى 193 مىليارد 425 مىليون يۈەن بولۇپ، 2013-يىلىدىكىدىن ٪26.1 ئاشقان، سېتىۋېلىش ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ٪11.2ىنى ئىگىلىگەن، 2013-يىلىدىكىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مۇھىت مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مۇلازىمىتى 10 مىليارد 659 مىليون يۈەن ۋە 1 مىليارد 724 مىليون يۈەن بولۇپ، 2013-يىلىدىكىدىن ٪114.0 ۋە ٪25.1 ئاشقان.

  −بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇلغاچقا، تۈركۈملەپ بىر تۇتاش سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلدى. تۈركۈملەپ بىر تۇتاش سېتىۋېلىش سوممىسى 200 مىليارد 131 مىليون يۈەن بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ 1 تىرىللىئون 173 مىليارد 450 مىليون يۈەنلىك بىر تۇتاش سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ ٪17.1ىنى ئىگىلىگەن، بۇ بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنىڭ كۆلەم ئەۋزەللىكى ۋە باھا ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، مەبلەغ تېجەش ئۈنۈمى كۆرۈنەلىك بولغان.

  −جايلار، تارماقلار ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئېېنرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش سىياسەتلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش توختامىدا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا بېرىلگەن ئومۇمىي سېتىۋېلىش سوممىسى 1 تىرىللىئون 317 مىليارد 976 مىليون يۈەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش كۆلىمىنىڭ ٪76.2ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىش سوممىسى 602 مىليارد 84 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا بېرىلگەن سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ ٪45.7ىنى ئىگىلىگەن. مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى مەجبۇرىي ۋە ئالدىن سېتىۋېلىش سوممىسى 210 مىليارد يۈەن ۋە 176 مىليارد 240 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش تىپتىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ٪81.7 ۋە ٪75.3ىنى ئىگىلىگەن، 2013-يىلىدىكىدىن 26 مىليارد 90 مىليون يۈەن ۋە 32 مىليارد 745 مىليون يۈەن ئاشقان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر