باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىكولوگىيە قۇرۇلۇشى مۇجەسسەملەنگەن تۆت تۈرلۈك ھۆججىتىدە قانداق يېڭى ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى؟

2015.07.07 10:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  [شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 5-ئىيۇل تېلېگراممىسى] مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يېقىندا ئېچىلغان 14-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش لايىھەسى (سىناق يولغا قويۇلىدۇ)»، «ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى تەكشۈرۈش تور قۇرۇلۇشى لايىھەسى» «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق-مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش توغرىسىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىدىن ئىكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزگەنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى (سىناق يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىق ھۆججەت كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى ۋە قىزغىن مۇنازىرە پەيدا قىلدى.

  بەزى كادىرلار ۋە مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دېدى: تۆت تۈرلۈك ھۆججەتتە ئىكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەر ئوخشىمىغان قاتلامدىن بەلگىلىنىپ، «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش»، رەھبىرى كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق-مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، ئىكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئىجابىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇنىڭدا مەركەزنىڭ ئىكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسى ئىپادىلىنىپ، ئېنىق سىياسىي ئۇچۇر ۋە تۈزۈم يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  تۆت تۈرلۈك ھۆججەتكە مۇھىت ئاسراش مەسىلىلىرى «يۇقىرى ئۆلچەم»دە مۇجەسسەملەندى

  «ئىكولوگىيە قۇرۇلۇشى» يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تۈزۈمنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش، بەلگىلىمە ئارقىلىق چەك قويۇش، رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ئاچقۇچ، تۈرلۈك ئېچىش، پايدىلىنىش، قوغداش قىلمىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قوغدىغۇچىلارنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش، زىيانغا ئۇچراتقۇچىلارنى جازالاش كېرەك.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىياتنى تەتقىق قىلىش مەركىزى بايلىق ۋە مۇھىت سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چاڭ جىۋېن: مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بۇ قېتىم قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان بەش ھۆججەتنىڭ تۆتى مۇھىت ئاسراشقا چېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش لايىھەسى (سىناق يولغا قويۇلىدۇ)»دە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمەت مىخانىزمى مۇجەسسەملەندى، «ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى تەكشۈرۈش تور قۇرۇلۇشى لايىھەسى» مۇھىت ئاسراشنى ئىلمىي ئاساسلار بىلەن تەمىنلىدى، «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق-مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش توغرىسىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى» ۋە «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىدىن ئىكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزگەنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى (سىناق يولغا قويۇلىدۇ)»دە رەھبىرىي كادىرلاردىكى بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقا چىڭ تۇتۇلدى، بۇ مەركەزنىڭ ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى «بەشنى گەۋدىلەشتۈرۈش»كە سىڭدۈرۈشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى رەسمىي باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر