باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى تۆت يىلدا 4 مىليون 800 مىڭ ئادەمگە نەپ يەتكۈزدى

2015.07.07 11:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ گۇما ناھىيەسىدە 3-ئىيۇل كۈچلۈك يەر تەۋرىشىدە ، گۇما بازىرى كەنت ئاھالىسى ئاتىخان باقى ئائىلىسىنىڭ تۆت ئېغىزلىق كېسەك ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، تۆت ئېغىزلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيى بىر ئازمۇ زىيانغا ئۇچرىمىدى. ئاتىخان ئاھ ئۇرۇپ: يەنىلا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالغان ياخشى ئىكەن، دېدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالىشىغا قارىغاندا شىنجاڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ئۇدا تۆت يىل شەرەپ بىلەن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان . 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ، شىنجاڭدا قۇرۇلۇش سېلىنمىسى 98 مىليارد 632 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا 12 مىليون 623مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىنغان، 12 مىليون 327 مىڭ يۈرۈش ئۆي پۈتكەن، ئىش باشلاش ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش نىسبىتى ئومۇمىي پىلاندىكى ۋەزىپىنىڭ ئايرىم %102.19 ۋە % 102.72 نى ئىگىلىگەن. تۆت يىلدا 4 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن.

  2011 - يىلدىن بۇيان ، شىنجاڭدا 5 بالدىن يۇقىرى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى يەر تەۋرەش 20 قېتىمدىن ئارتۇق يۈز بەرگەن ، بولۇپمۇ 7.3 بال كېرىيە كۈچلۈك يەر تەۋرىشىدە ، يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ئۆيلىرى قىلچە زىيانغا ئۇچرىمىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر